مىكروسوفت قايتا باش كۆتۈرۈپ، دۇنيا بويچە 1-بولدى

ئالما ۋە ئامازوندىن كېيىن، مىكروسوفت تەتۈر يول تۇتۇپ دۇنيا بويىچە 3-بولۇپ تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بازار قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن چوڭ پەن ـ تېخنىكا ماگناتى بولۇپ قالدى، شۇنداقلا نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ پەن ـ تېخنىكا شىركىتى بولۇپ قالدى. كۆپچىلىك بۇنىڭ قانداق ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟
بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن ئالتە تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، بۇ بازار قىممىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئىنتېرنېت ماگناتلىرى BAT (بەيدۇ، ئالى بابا ۋە تېڭشۈن) دىن ئىبارەت ئۈچ شىركەتنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ كېلىدۇ، ئەمەلىي كۈچى نۇرغۇن توپلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ. 

بىزگە مەلۇم، مىكروسوفتنى بىل گايتىس ۋە پائول ئەللېن قاتارلىقلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70ـيىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرغان بولۇپ، شىركەت 44 يىللىق تارىخنى بېسىپ ئۆتتى. باش شىتابى ۋاشىنگتوندا تەسىس قىلىنغان. كەڭ كۆلەمدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى كەسپىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ياساش، ھوقۇق بېرىش ۋە تەمىنلەشنى ئاساس قىلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي كومپيۇتېر مەشغۇلات سىسىتېمىسى تەمىلەش شىركىتى. بۇلتۇر كىرىمى تۇنجى قېتىم 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، 110 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 740 مىليارد يۈەن) غا يەتتى، بۇ ئاساسلىقى شىركەتنىڭ مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تىپ ئۆزگەرتكەنلىكىدىن بولدى. كارخانا بىر ئەنەنىۋى يۇمشاق دېتال بىلەن تەمىنلەش ئورنىدىن دۇنيا بۇلۇت ھېسابلاش ساھەسىدىكى باشلامچىغا ئايلاندى.