«ئەۋلاد نەشرىياتى» 2019 - يىلى 4 - ئايدا قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى تاماملاپ رەسمىي قۇرۇلدى. نەشرىياتىمىز دىنىي، ئىلمىي، ئەدەبىي ۋە تارىخىي ئەسەرلەرنى نەشر قىلىش بىلەن بىرگە ياش - ئۆسمۈرلەرگە ئالاقىدار ئەسەرلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئۇنىۋېرسال نەشرىيات. نەشرىياتىمىز كىتاب نەشر قىلدۇرماقچى بولغانلارنى تەھرىرلىك، تېخنىكا، كوررېكتورلۇق ۋە باسما خىزمەتلىرى بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ.
نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر:
ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىي ۋە مەدەنىيىتى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماقالىلەر توپلىمى (قىسىملىق توپلام)
سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى (پەسىللىك ژۇرنال)
تۆتقۇلاق بالىلار ژۇرنىلى (پەسىللىك ژۇرنال)
كۆرەشچان ئەجداتلار (2019 -يىل 7 - ئاي)
تارىخى ھەمىدىي (2019 - يىل 8 - ئاي)
ئۆزىمىزنىڭ رەڭگى (2019- يىل 9- ئاي)