يېقىندا سۈنئي گۆش ياسايدىغان شىركەتنىڭ پاي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆستى

سۈنئىي گۆش دېگەن نېمە؟
«سۈنئىي گۆش» ئىككى تۈرلۈك. بىرىنجىسى پۇرچاق ئاقسىلىدىن پىششىقلاپ ئىشلىندىغان «گۆشسىز گۆش» . 
ئادەتتە سويا پۇرچاق، كۆك پۇرچاق، قارا پۇرچاق دېگەندەك پۇرچاق تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاقسىلىنى پارچىلاپ، ماشىنا ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ھايۋانات ئاقسىلىنىڭ تەركىبىگە تەقىلد قىلىپ، تەم تەڭشەش ئارقىلىق گۆشنىڭ تەمىنى كىرگۈزىدۇ. ھەر خىل شەربەتلەر ئارقىلىق رەڭگىنى گۆش رەڭگىگە كىرگۈزىدۇ. يىگەن ئادەم ھەقىقى گۆش ياكى پۇرچاقتىن ياسالغان گۆشلىكىنى ئايرىيالمايدۇ.

ھايۋاناتلارنىڭ مۇسكۇل تۇقۇلمىسىدىن گۆش ھۈجەيرىسىنى ئايرىپ چىقىرىپ، ئاندىن قان زەردابى ئارقىلىق گۆش ھۈجەيرىسنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ خىل سۈنئىي گۆشنىڭ تەمىنى ئالاھىدە تەڭشمىسىمۇ بولىدىكەن. «ئۆستۈرۈش» باسقۇچىدا ياغ تەركىبىنى تەڭشەپ، ساغلام ئۇزۇقلىنىشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇشقا بولىدىكەن. تەجرىباخانا مۇھىتىدا ئۆستۈرۈلدىغان بولغاچقا غالجىر كالا كېسىلى، چوشقا ۋاباسى... دېگەندەك ھايۋاناتلاردا بولىدىغان كېسەلدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدىكەن. چارۋىلارنىڭ يەم خەشىكىنىڭ بىخەتەرلىكى، ھورمۇن قوشۇۋېتىش دېگەندەك ئىشلاردىن ئەنسىرەش ھاجەتسىزكەن.