ما يۈن بىل گەيتىستىن ئېشىپ دۇنياۋى بىرىنجى باي بولالامدۇ؟

ئالدىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى بىرىنجى باي ئورنىنى بىل گەيتىس ئىگىللەپ كەلگەن. يېقىندا بۇ ئورۇننى ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېزوس ئىگىللەپ، دۇنيادىكى بىرىنجى باي بولدى. فوربىس مىليادېرلار تىزىملىكىدە جېف بىزۇسنىڭ بايلىقى 131 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىپ بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرغان. 

ئىلگىرى بىل گەيتىس كەلگۈسىدە دۇنيادىكى بىرىنجى باي جۇڭگولۇقلار ئىچىدىن چىقىدۇ دېگەن. 2019-يىللىق خۇرۈن دۇنياۋى بايلار تىزىملىكى (Hurun Global Rich List 2019) دە جۇڭگولۇق بايلار ئەڭ كۆپ. بۇ تىزىملىكتە مايۈن 260 مىليارد يۈەن بايلىقى بىلەن جۇڭگولۇقلار ئىچىدە بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرغان. ئۇنىڭ كەينىدە ماخۇاتېڭ، شۈ جىيا يىن، لى جىيا چېڭ، لى جاۋ جى ... قاتارلىقلار بار.

ئالى بۇلۇتى 2009-يىلى قۇرۇلغان. ئەلى بابا قارمىقىدىقى بۇلۇت ھېسابلاش مەھسۇلاتى. نۆۋەتتە ئامازون بۇلۇتى ۋە مىكروسوفت بۇلۇتىدىن قالسىلا دۇنيادىكى ئۈچۈنچى چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش شىركىتىگە ئايلاندى. كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە. (ئالى بۇلۇتىنى ئاددىي چۈشەندۈرگەندە مۇلازىمىتىر شۇنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمى؛ تور بەت، ئۈندىدار كىچىك پروگراممىلىرى دېگەندەك تورغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق نەرسىلەر مۇلازمىتىردا ساقلىنىپ، ئىجرا بولىدۇ)