گرافىت ئالكېن باتارىيەسى نېمىشقا تېخىچە ئىشلىتىلمەيدۇ؟

ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ نانومىتېر ماتېرىيالى گرافىت ئالكېن باتارىيەسى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقىلىپ سامسۇڭ، خۇاۋېي يانفونلىرىغا ئىشلىتىلمەكچى بولغان. ئەمما ھازىرغىچە گرافىت ئالكېن باتارىيەسى سەپلەنگەن يانفون ياكى باشقا ئۈسكۈنە چىقمىدى.
نۆۋەتتە يانفون، تاختا كومپىيۇتېر، توكلۇق ماشىنىلارغا ئىشلىتىۋاتقىنى لىتىيلىق باتارىيە بولۇپ، لىتىيلىق باتارىيەنىڭ ھەجىم چەكلىمىسى سەۋەبىدىن باتارىيە سىغىمى چەكلىمىگە ئۇچىراپ كەلمەكتە. بارغانسىرى ئىقتىدارى يۇقىرلاۋاتقان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى توك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە يېڭى ئەۋلاد باتارىيە زۆرۈر.
گرافىت ئالكېن باتارىيەسى شۇ ئېھتىياجدىن سەۋبىدىن بارلىققا كەلگەن. ئىككى ئالىم گرافت ئالكېن ياساپ چىقىپ نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.