بىز كىم؟

بىسمىللاھىر راھمانىر رەھىم

بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت بىلىم ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ئىمكانىيەتلىرى نۇقتىسىدىن بۇرۇنقىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەن بىر سەۋىيەگە يەتتى. بىراق، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشلەرگە پاراللېل ھالدا روھىي ۋە ئەخلاقىي ساھەلەرگە بولغان ئېھتىياجمۇ كۈنسايىن ئېشىپ، بۇ ساھەلەر نۆۋەتتىكى ئېھتىياجنى قامدىيالمايدىغان ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقتى. ماددا بىلەن روھ ئارىسىدىكى بۇ تەڭپۇڭسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىسنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرۇۋاتىمىز.

2011 يىلىدىن بېرى «ئەۋلاد گۇرۇپپىسى» ماركىسى ئاستىدا تىرىشىپ كەلگەن بىر قېرىنداشلار فارابىي تەلىم - تەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى بۇ ئاچچىق رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە كىچىككىنە بولسىمۇ ھەسسە قوشۇشنى مەقسەت قىلغان كارۋانلار سېپىگە قېتىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان بولۇپ، ئوتتۇرھاللىقنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا،  ئاكادېمىكلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە پىداكار تەرىپىدىن 2014 - يىلى 10 – دېكابىر ئىستانبۇلدا رەسمىي قۇرۇلغان. جەمئىيىتىمىز ئەنگە ئېلىنىشتىن بۇرۇن «ئەۋلاد گۇرۇپپىسى» نامى ئاستىدا 2011 – يىلى ئىش باشلىغان.

جەمئىيىتىمىز شەرق - غەرب يېقىندىن تونۇيدىغان، ئىدىيەسى، قاراشلىرى ۋە ئەسەرلىرى بىلەن دەۋر ھالقىغان بۈيۈك ئالىم، پەيلاسوپ فارابىي (951 - يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

ئىلىم – پەن دەۋرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، شۈبھىسىزكى، ئىنتېرنېت ۋە مېدىيا ۋاسىتىلىرىدۇر. جەمئىيىتىمىز ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان لايىھەلەردە، نىشان قىلىنغان ئىنسانلار توپىنىڭ غول پارچىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەلىم - تەربىيەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت، ئەخلاق ۋە مەنىۋى قىممەت قاراش ساھەلىرىدە مەيلى شەخس سۈپىتىدە بولسۇن ياكى  كوللېكتىپ سۈپىتىدە بولسۇن، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدەنگەندە بۇ ۋاسىتىلاردىن ئۈنۈملۈك دەرىجىدە پايدىلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن، بىر مىللەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بايلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان ئېتىقاد ئۇ مىللەتنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىشى ۋە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا، جەمئىيىتىمىز قىممىتى بار دەپ قارىغان تۈرلۈك ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.

بولۇپمۇ كەڭ دائىرىلىك پايدىلىنىشنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن، ماتېرىياللارنى تەييارلىغاندا، مەزمۇن، ئۈن – سىن، سۈرەت ۋە سەۋىيە نۇقتىسىدىن خەلقئارالىق ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ جەرياندا نىشان قىلىنغان توپنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى جۇغلانمىسى بىلەن دىنىي قىممەت قاراشلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ.

قىسقىسى، جەمئىيىتىمىز ئىسمىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويغان ئالىم، پەيلاسوپ فارابىينى يېتىشتۈرگەن، ماددا بىلەن روھ ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قوغداپ قالالىغان، ئىنسانلارنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقارغان ئېسىل قىممەت قاراشلارغا چىڭ ئېسىلغان ھالدا، ئوتتۇرھاللىق بىلەن، تەلىم - تەربىيە ئاساسىدا ئېتىقاد، تىل ۋە مەدەنىيەت قاتارلىقلارنىڭ قوغدىلىشىنى نىشان قىلغان تەتقىقاتلارغا تايانغان لىنىيەدە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

بۇ جاپالىق ھەم ئۇزۇن يولىمىزنىڭ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىن.

غايىمىز:

يېڭى ئەۋلادلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەر، قېرىنداشلىق ئېڭىغا ئىگە، خەلقىنىڭ نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان، تارىخ ئېڭى يېتىلگەن، ھازىرقى دۇنيانى تونۇيدىغان، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنىمۇ ئېتىقادىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە ياشاشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان شەخس بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىدا ئاكتىپ رول ئويناشتۇر.

بۇرچىمىز:

غايىمىزگە يېتىش ئۈچۈن:

ھەر خىل سەۋىيەدە تەلىم - تەربىيە، مەدەنىيەت، تەتقىقات ۋە نەشر لايىھەلىرىنى تەييارلاش ۋە ئىجرا قىلىش؛

ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان لايىھەلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ھەر تۈرلۈك كۈلتۈر، مەدەنىيەت، تارىخ، دىن، ئەخلاق، ئىقتىساد، سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەممە قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان خاراكتېردىكى پىلانلارنى تۈزۈش؛

ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئەسەر ۋە پىلان - لايىھەلەر بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ۋە روھىي تەرەپلەردە يۈكسىلىشى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنىڭ داۋاملىشىشىغا ھەسسە قوشۇش؛

يۇقىرىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ پىلانلىنىشى، ئىجرا قىلىنىشى ۋە سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئىزدىنىش؛ ئاممىۋى ئورگانلار، پۇقراۋىي تەشكىلاتلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىش؛

بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت، تارىخ ۋە دىنىي تەرەپلەردىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنالىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا كۈچەش؛

پىرىنسىپىمىز:

خىزمىتىمىزنىڭ ھەر باسقۇچىدا پىدائىيلىق ئاساس قىلىنىدۇ. سەمىمىيلىك، دۇرۇسلۇق ۋە ئوچۇق - يورۇق بولۇشنى شەرت قىلغان ئامانەت ئېڭىنىڭ تۈرتكىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.

ئېتىقادىمىزدىن ئالغان كۈچىمىز ۋە ئەسلىي مەنبەيىمىزنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىگە بولۇش ئەۋزەللىكىمىز شەكىللەندۈرگەن ئېنېرگىيە ئارقىلىق خىزمەت مۇددىئايىمىزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنى ھاسىل قىلىش.

مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىشقا رىئايە قىلىش.

بارلىق خىزمەتلىرىمىزدە خەلقنىڭ ئېتىقادىي ھېسسىياتىغا مۇناسىپ ھەرىكەت قىلىش ۋە ئوتتۇرھال بولۇش.

ئوچۇق - يورۇق، ساپ دىل ۋە سالماق بولۇش.

بارلىق خىزمەتلىرىمىزدە خەلقىمىزنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىش.