«قۇرئان كەرىم ئەپ دېتالى»نىڭ Android نۇسخىسى يېڭى نەشرى تارقىتىلدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىندىشىم
«قۇرئان كەرىم» ئەپ دېتالىنىڭ ANDROİD نەشرى تارقىتىلدى.
يېڭى نەشرىدىكى يېڭىلىقلار:
-ئەپ دېتالنىك كۆرۈنمە يۈزى كۆپ تىللىق قىلىندى (يەنى ئەپ دېتال ئۇنىۋېرساللاشتىرۇلدى. ئەمدى باشقا تىلللىقلارغىمۇ تەۋسىيە قىلالايسىز.)
-خەتمى قۇرئان سەھىپىسى قوشۇلدى
-تىلاۋەت سەھىپىسىنىڭ كۆرۈنۈشى ئالماشتۇرۇلدى،
-ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى
(تىلاۋەت سەھىپىسىدىكى مەلۇم بىر قارىينىڭ تىلاۋىتىنىڭ مەلۇم بىا سۈرىنى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز.)
قالدىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بايقايسىز.
ئەپ دېتالدا نېمىلەر بار؟
قۇرئان كەرىمنىڭ 3 خىل نۇسخىسى (3 خىل)، ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرى (4 خىل)، باشقا تىلدىكى تەرجىمىلىرى (10 دىن كۆپ) بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوقۇش، تىلاۋەت ئاڭلاش (5 ئۇيغۇر قارىي بىلەن بىرى تۈرك قالغىنى ئەرەب قارىيلاردىن بولۇپ 40 تىن كۆپ قارى)، ئۇيغۇرچە (3 خىل) ۋە باشقا تىللاردىكى ئاۋازلىق قۇرئان تەرجىمىلىرىنى ئاڭلاش (10 دىن كۆپ)، ئۇيغۇرچە (3 خىل) ۋە ئەرەبچە تەپسىرنى(7 خىل) ئوقۇش، زىكىر-دۇئالار، قۇرئاندىكى تېمىلار، رەسىملىك ئايەت & دۇئا يوللاش...قاتارلىق ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئەپ دېتالىمىزنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بۇ ئەسەرلەرنىڭ پۈتۈپ چىقىشىدا ماددىي ياكى مەنىۋىي جەھەتتىن تۆھپىسى بولغان، بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا، خۇسۇسەن دېتالنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن كېچىسىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىگەن داۋۇت كاككۇك قېرىندىشىمىزغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
ئولۇغ ئاللاھدىن بۇ ئەسەرلەرنى ھەققىمىزدە سەدەقەئى جارىيە سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىشىنى، مىللىتىمىزنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن بولغان رېشتىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتمەسلىكىگە، كىتابۇللاھنىڭ داۋاملىق ئوقۇلۇپ ئەمەل قىلىنىشىغا ۋەسىلە قىلىپ بېرىشىنى سوراش بىلەن بىرگە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلمىي خىزمەتلەرنى ھەرخىل يوللار بىلەن قوللىشىغا تىلەكداشمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ئەۋلاد گۇرۇپپىسى
http://www.qurankerim.com/app